خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدىكى بايانات
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
«خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى» خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دەيمىز) ۋە كۆپلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى ھەمكارلىشىپ تەمىنلەيدىغان، سىزگە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئەپتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە كەسپىنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ئۈچۈن ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.
ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ سىزگە مول تۇرمۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمىز، خۇاۋېي ھېساباتى ئۇچۇرىڭىز (باش سۈرەت، نامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا ئورتاقلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىزنىڭ بۇ ئەپتە مۇناسىۋەتلىك زاكازنى كۆرۈشىڭىز ئۈچۈندۇر.
ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە تىپى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، ئەپنىڭ ئاساسى ئۇچۇرى، جىنس، ئورنىڭىزغا ئاساسەن سىزنى قىزىقىدۇ دەپ قارىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تەۋسىيە قىلىشىمىز مۇمكىن.
1. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
مول تۇرمۇش مۇلازىمىتى توپلانغان
«خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى» سىز ئۈچۈن يانفونغا پۇل قاچىلاش، مېھمانخانا، ئېتىبارلىق ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى، كىرا ماشىنىسى، ئۆي خىزمەتچىسى تېپىش، سەپەر پىلانلاش،، نىمكەش مال ۋە خەلقئارالىق مال سېتىۋېلىش مۇلازىمەتلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەمىنلەيدۇ، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن كۆرسىڭىز، ئىزدىسىڭىز ۋە سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئەپنىڭ باشبېتى ياكى «ئەقلىي ياردەمچى» نىڭ ئىزدەش بالدىقىغا ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ لازىملىق مۇلازىمەتنى تاپالايسىز («ئەقلىي ياردەمچى»نىڭ نەشرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ئوخشىمايدۇ).
بۇ مۇلازىمەتلەرنى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز تەمىنلەيدۇ، بىز پەقەت خۇاۋېي ھېساباتىڭىزدىكى باش سۈرەت، نام، ئىزدەش ئۈچۈن كىرگۈزگەن ھالقىلىق سۆزنى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە يەتكۈزىمىز، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىز خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگەندىن كېيىن ھەر قايسى مۇلازىمەتتە شەكىللەنگەن تالون ئۇچۇرىڭىزنى بۇ ئەپتە كۆرۈشىڭىز ئۈچۈندۇر. خەتەر تىزگىنلەش تەلىپى تۈپەيلىدىن، سىزنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچنى نامسىزلاشتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە (مەسىلەن مىيتۈەن تاماق بۇيرۇتمىسى) ئورتاقلىشىشىمىز مۇمكىن.
شۇنداقلا، بىز سودا توختامى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزدىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداشنى، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئاشكارىلاشنى، ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، شۇڭا تەپسىلىي ئوقۇڭ.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئورۇن ئۇچۇرىنى «بەيدۇ خەرىتىسى» تەمىنلىگەن، «بەيدۇ خەرىتىسى» شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشى مۇمكىن، تەپسىلاتىنى «بەيدۇ خەرىتىسى» نىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىدىن ئوقۇڭ. ماشىنا چاقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا، «دى دى» شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشى مۇمكىن، تەپسىلاتىنى «دى دى» نىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىدىن كۆرۈڭ.
كود سايىلەپ يوللانما تەكشۈرۈش
«خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى» ئارقىلىق يوللانما تەپسىلاتى، يەتكۈزۈش ئەھۋالى قاتارلىق يوللانما ئۇچۇرىنى تەكشۈرەلەيسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن يوللانما نومۇرىنى توپلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە ئەۋەتىمىز.
2. خاسلاشقان تەۋسىيە
بىز ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە تىپى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، ئەپنىڭ ئاساسى ئۇچۇرى، جىنس، ئورنىڭىزغا ئاساسەن سىزنى قىزىقىدۇ دەپ قارىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تەۋسىيە قىلىشىمىز مۇمكىن، «خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى» > «مېنىڭ» > «تەڭشەك» نى زىيارەت قىلىپ، «نادىر تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى ئۇقتۇرۇشى» (10.0.1 ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نەشرلىرىدە «يېڭى ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىش») نى تاقاش ئارقىلىق خاسلاشتۇرما تەۋسىيە مەزمۇنى تاپشۇرۇۋېلىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ.
3. بالىلارنى قوغداش
بۇ ئەپنى پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەرلا ئىشلىتىدۇ. ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ۋە ھامىيلار مۇۋاپىق قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى، ھەمدە ئەپ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
4. مەلۇماتىڭىزنى باشقۇرۇش
سىز ئۈچۈن مەلۇماتىڭىزنى باشقۇرىدىغان قولايلىق ئۇسۇل تەڭشىدۇق:
«خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى» > «مېنىڭ» > «بۇيرۇتما» غا كىرىپ ھەقلىق سېتىۋېلىش خاتىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز ياكى «قاچىلاش ياردەمچىسى» > «مېنىڭ» > «بۇيرۇتما» غا كىرىپ پۇق قاچىلاپ ھەقلىق سېتىۋېلىش خاتىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
«خۇاۋېي تۇرمۇش مۇلازىمىتى» > «مېنىڭ» > «خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى» > «مەسىلە ۋە تەكلىپ» > «ئىنكاس خاتىرىسى» دىن مەسىلە ئىنكاس قىلىش خاتىرىڭىزنى تەكشۈرەلەيسىز.
سىستېما «تەڭشەك»كە كىرىپ، «ئورۇن»، «كامېرا»، «بوشلۇق»، «تېلېفون» ھوقۇقلىرىنى ئېتەلەيسىز، ئوخشىمىغان مەشغۇلات سىستېمىسى نەشردىكى كىرىش يولىدا پەرق بار.
ئۇچۇر ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھەر قانداق تەلەپ ياكى گۇمان، تەكلىپ ياكى پىكىرىڭىز بولسا، مەزكۇر باياناتتىكى «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» تىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەم ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.
5. مەلۇمات ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى
5.1 مەلۇمات ساقلاش ئورنى
بۇ ئەپتە توپلانغان ۋە شەكىللەنگەن شەخسىي ئۇچۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مۇلازىمىتېرغا يوللىنىپ ساقلىنىدۇ.
ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە يوللىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىش ئورنىنى، شۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىك تۈزۈملىرىدىن كۆرۈڭ.
5.2 ئۇچۇر ساقلاش مۇددىتى
شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە خۇاۋېي ئاشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدىلا ساقلايمىز، مۇددەت توشقان ھامان ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرىمىز، قانۇن تەلەپ قىلغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.
خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ ئۇچۇرى سىز ھېساباتنى ئۆچۈرگەندە ئۆچۈرۈلىدۇ.
بۇيرۇتمىڭىزنىڭ ئۇچۇرى 7 يىل ساقلىنىدۇ.
مەسىلە ئىنكاس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار(ئالاقە ئۇسۇلى، ئىشلەتكۈچى رەسىمى ۋە ئىنكاس قىلغان مەزمۇن) 3 ئايدىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خاتىرە 7 كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئۇچۇرى (ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە تىپى)، ئورۇن ئۇچۇرى، يوللانما ئۇچۇرى ۋە ئىزدەش سۆزلىرى ساقلانمايدۇ.
ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە يوللىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىك تۈزۈملىرىدىن كۆرۈڭ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇلدا سىزگە ئۇقتۇرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
6. بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس ئورنى (ياكى شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس خادىمى) تەسىس قىلدۇق، مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى بېتى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى، كەسىپ بىرلەشمىسى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا بېرىپ شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ ئالاقىدار مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىز ھەققىدە،«خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى» نى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.